
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 30-ئىيۇن ياپونىيە كاناگاۋا ئۆلكىسى كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس بىر قارار ماقۇللاپ ياپونىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم كاناگاۋا ئۆلكىسى كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىدا ماقۇللانغان مەزكۇر قارارنامە توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قارارنامىدە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بىر قانچە ئالاھىدە تەلەپلەر سۇنۇلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كاماكۇرا پارلامېنت ئەزاسى ئۇېخاتا تېلېفون مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ھەققىدە توختىلىپ «بىرىنچى ئىيۇن رابىيە قادىر خانىم شەھىرىمىزگە زىيارەتكە كېلىپ، پارلامېنت ئەزالىرىغا بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى دوكلاتىغا ئاساسەن بۇ قارار ماقۇللاندى» دېدى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ئالدى بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكا پارلامېنتىدا ماقۇللانغان خىتايغا دائىر بەزى قارارلار ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى ماتسۇناكا بۇ قېتىمقى كاماكۇرا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللىنىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرىپ: «كاماكۇرا شەھىرى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بىر شەھەر. ئۆتكەن قېتىم شەھەر باشلىقىمىز رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بۇ قارار پارلامېنتتا قايتا-قايتا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ ماقۇللاندى. پارلامېنتتىكى ئوخشىمىغان سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىمۇ بۇ قارارغا قوشۇلدى. بىز ئىلگىرىمۇ بىرمادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان ئىدۇق» دېدى.
كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ قارارىدا شۇنداقلا تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
كاماكۇرا شەھەر پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن خەۋەردار بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قارارنامىنىڭ ماقۇللانغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.