
8-ئىيۇل فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن چاقىرىلىدىكەن.
فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 8-ئىيۇل پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە 2014-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى توغرىسىدا مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىكەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بۇ قېتىم چاقىرىلىدىغان يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يىغىندا مۇھاكىمە قىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە يىغىنغا قاتنىشىدىغان بىر قىسىم ئەربابلار ھەققىدە توختالدى.
ئەركىن ئابلىمىت 5-ئىيۇل ۋەقەسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەندىن كېيىن تا ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتقىچە فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىلھام توختىنى 2016-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە 2015-يىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يازغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايدىن قوغلانغان فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان.
2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ شۇ يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ بۇ ۋەقە ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى ئاروما خانىم پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا بۇ خىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ زور پاجىئەلىك ۋەقەلەردىن بىرى دەپ ھېسابلايمەن. شۇڭا مۇمكىن قەدەر بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئىزچىل ھالدا ۋەقەنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشساق. ئىشىنىمەنكى، چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسى خەلقئارا سوت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. مەن فىرانسىيەدە بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.