
19-ئىيۇن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى توكيودىكى ئوتسۇكا مەسچىتىنىڭ ئىپتارلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە ئىپتاردىن كېيىن تەشكىلاتىنىڭ خۇلاسە يىغىنى چاقىرغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، كەچ سائەت يەتتىدىن ئونغا قەدەر داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەتكە تەشكىلات ئەزالىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ياپونلار بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان. توكيودىكى قەدىمىي مەسچىتلەردىن بىرى بولغان ئوتسۇكا مەسچىتىنىڭ بۇ ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقانلار ئىپتاردىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ خۇلاسە يىغىنىنى چاقىرغان.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غالىپ مىجىت ئوتسۇكا مەسچىتىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە ئوتسۇكا مەسچىتىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان تاكاشى ساتو پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتىنى قىسقىچە بايان قىلىپ: «بۈگۈنكى پائالىيىتىمىزدە ئاساسلىقى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يېقىندا ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. كۆپچىلىك تېخى يېقىندىلا قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ توكيو، ئوساكا، سېندەي قاتارلىق ئۈچ چوڭ شەھەردە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغانلىقىغا يۇقىرى باھالارنى بەردى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىپتارلىق زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدۇق. تۇرمۇھەممەت ئەپەندى ئوتسۇكا مەسچىتىنىڭ جامائىتى بولغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرى بۇ مەسچىتنىڭ يىغىن زالىدا چاقىرىلىدۇ» دېدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئوتسۇكا مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن خۇلاسە يىغىن ۋە ئىپتارلىق پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان مۇراكامى توموكو خانىم ئوتسۇكا مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ: «مەن ئىلگىرى توكيودىكى تۈرك جامىسىدىكى ئىپتارلىق پائالىيەتكە قاتناشقان ئىدىم. بۇ قېتىم يەنە بىر قىسىم ياپون مۇسۇلمان خانىم-قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسچىتتە ئىپتار قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش جەھەتتىكى ئىرادىسىگە قايىل بولدۇم» دېدى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ توكيودىكى ئوتسۇكا مەسچىتىدە يىغىن چاقىرىش سەۋەبلىرى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە ئىزاھ بېرىپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.