
ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى
25-ماي كۈنى ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەن بىر قىسىم مەھبۇسلار بىلەن ساقچىلارنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى.
رادىيومىز خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭپاۋ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن 25-ماي ئۇلانباي تۈرمىسىدىن قاچقان 10 نەپەر مەھبۇسنىڭ 9 نەپىرىنىڭ 14-17 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى، بۇلاردىن 3 نەپىرىنىڭ ئاقسۇ ئايكۆللۈك بالىلار ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ بىرى 41 ياشلىق خىتاي ساقچى يۇڭ چۈن، يەنە بىرى 29 ياشلىق ئۇيغۇر ساقچى خەمىت خالمۇرات ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ساقچى خەمىت خالمۇرات ئەينى چاغدا مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغانلىقتىن ئامالسىز تۈرمە ساقچىسى بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر سەنئەتكار ئابدۇۋەلى جارۇللايوفنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دوكلاتى» دا، خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جىددىيچىلىككە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، 2015-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەقىبلىرىنىڭ داۋاملىق كۈچەيگەنلىكىنى، شۇنداقلا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت قوللىنىپ رايوندىكى قارشىلىقلارغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانىنىڭ يەنىلا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر تەدبىر دەپ ئاقلاپ كەلدى» دېيىلگەن.
د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان
ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 5-ئىيۇن كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.
رابىيە خانىم مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋاڭ دەن شۇنداقلا تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سۆز قىلغان.
3-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە ياۋروپادىكى خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىلىشقا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ قاتتىق چەكلىمە ئىچىدە باشلانغانلىقى ئاشكارا بولماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق رامىزان ھارپىسىدا «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ھالبۇكى، رامىزان ھارپىسىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 46-ئوتتۇرا مەكتەپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئاتا-ئانىلارغا ئوچۇق خەت» ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇپ، كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار رامىزان مەزگىلىدە مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۇ ئىچىشكە ۋە تاماق يېيىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇندىن باشقا، بىر قىسىم يېزا-كەنتلەردە «مۇقىملىق كادىرلىرى» نىڭ ئۆي ئارىلاپ كادىرلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئونسۇنىڭ توخۇلا كەنتىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ياشلارنى ئويۇن-تاماشا ۋە ھاراق ئىچىشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى
ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىدا خىتاينىڭ ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى خىزمەت دولقۇنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر نەپەر كەنت سېكرېتارى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەنتىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مەزكۇر كەنت سېكرېتارى ئۆز كەنتىدە مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتلەرنى ئىخچاملىغانلىقى، ياشلارنى ئويۇن-تاماشىغا يېتەكلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەنتتە ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئىپتىخارلانغان ھالدا بايان قىلدى.
ئۇ يەنە «مۇقىملىقنى ياخشىلاش ئۈچۈن» ئېلىنغان بۇ تەدبىرلەرنىڭ يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازى ۋاپات بولغان
ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازى 2016-يىلى 9-ئىيۇن كۈنى سەھەردە يۈرەك كېسىلى بىلەن 46 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن كۆپلىگەن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئاۋاز بەرگەن، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قەلبىدىكى چۆچەكچى ئانىغا ئايلانغان مەرھۇمە قەلبىنۇر ئەلنازى خەلق ئىچىدە «بالىلارنىڭ ياخشى دوستى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردەمچىسى، تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى» دېگەن ناملارغا سازاۋەر بولغان ئىدى.
قەلبىنۇر ئەلنازى 1970-يىلى ئىلىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 16 يېشىدىن باشلاپ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئاۋاز بېرىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى خىزمەتداشلىرىمۇ چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە مەرھۇمەنىڭ 26 يىلدىن بۇيانقى ئۇتۇقلىرىنى ئەسلەپ، يۇقىرى باھا بەردى.