tokyo-turk-jame-rabiye.jpgرابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى توكيودىكى تۈرك جامەسىدە زىيارەتتە بولدى. 2016-يىلى 3-ئىيۇن، توكيو.

6-ئىيۇن ئون ئىككى ئاينىڭ سۇلتانى بولغان روزا ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيودىن بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا روزىلىق سالام يوللىدى.

رابىيە قادىر خانىم 6-ئىيۇن سەھەردە تۇنجى روزىلىق زوھۇرلۇقتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا روزىلىق سالام يوللاش بىلەن بىرگە، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ ئىمانىي مۇكەممەل بولغان ۋىجدانلىق مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا چاقىردى.

رامىزان باشلىنىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى تۈرك مەسچىتى ۋە شۇنداقلا ئىسلام مەركىزىدە زىيارەتتە بولغاندا ياپونىيەدىكى بارلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.