
5-ئىيۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئەينى يىللاردا مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان ھازىر ياپونىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتچىلىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچىلىرىدىن ۋاڭ دەن تەيۋەندىن تەكلىپ قىلىنغان.
رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى رابىيە قادىر خانىم تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ دەن بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولدى شۇنداقلا تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇشلار توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
يىغىندا يەنە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى، دالاي لامانىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ۋە شۇنداقلا ۋاڭ دەن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يېرىمدىن كەچ سائەت توققۇزغا قەدەر داۋام قىلدى.
بىز يىغىندىن كېيىن، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.