rabiye-qadir-yaponiye-bash-ministir-yardemchisi-eto-seiji.pngرابىيە قادىر خانىم ياپونىيە باش مىنىستىر ياردەمچى ئېتو سېئىجى بىلەن بىللە

2 – ئىيۇن ياپونىيە باش مىنىستىر ياردەمچى ئېتو سېئىجى ۋە ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ سابىق مىنىستىرى فۇرىيا كېئىجى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلدى.

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولغاندا ياپونىيە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ئېتو سېئىجى ۋە ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مىنىستىرى فۇرىيا كېئىجى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئايرىم – ئايرىم قوبۇل قىلىپ سۆھبەتتە بولدى.

رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ سابىق مىنىستىرى فۇرىيا كېئىجى بىلەن بىللە
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ سابىق مىنىستىرى فۇرىيا كېئىجى بىلەن بىللە

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ئېتو سېئىجى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مىنىستىرى فۇرىيا كېئىجى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېپىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن، كەچتە ياپونىيە پارلامېنتى يىغىن زالىدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرگە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدىن ئالتە يېرىمغا قەدەر داۋام قىلدى.

دوكلاتقا ياپونىيە تاكۇشۇكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور فۇجى گېنكى رىياسەتچىلىك قىلدى،

بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بىر قاتار پائالىيەتلىرى ۋە دوكلاتىدىن كېيىن، خانىمنىڭ بۈگۇن ئېلىپ بارغان يېپىق ئۇچىرىشىشلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ،