2016.06.03

erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە ۋەقە يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ، 2 نەپەر ساقچى بىلەن 3 نەپەر مەھبۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى.

رادىيومىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى ساقچىخانىلاردىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە 25 -ماي تاڭ سەھەر ئەتراپىدا ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغانلىقى دەلىللەندى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە ئۇلانباي تۈرمىسىدىكى ساقچىلارنىڭ مەھبۇسلارنى ناماز ئوقۇشتىن توسۇشى ۋە ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ياپونىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەردە بولدى

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ياپونىيەدە تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بولدى.

بۇ جەرياندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 28-ماي ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 30-ماي ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھەمدە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇندىن باشقا رابىيە خانىم يەنە ياپونىيەدىكى سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىنى چاقىرىق قىلغان.

ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس سايلىمى 29-ماي كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلتايدا بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك خىزمەت دوكلاتى بىلەن مالىيە دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن سايلام كومىتېتى تەشكىل قىلىندى ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى نۆۋەتلىك رەئىس سايلىمى ئېلىپ بېرىلدى.

قۇرۇلتايدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەركىن ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا بېلەت تاشلىدى. نەتىجىدە 3 نەپەر رەئىس نامزاتى ئىچىدىن ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە مۇتلەق كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 8-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئاخىرىدا يېڭى رەئىس ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سايلام كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا قول بېسىپ قەسەم بەردى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى 2-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئامېرىكا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2016-يىللىق چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى 31-ماي كۈنى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس- ئانژېلىس شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان 6 كوماندا ئىچىدىن «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى بىلەن «بوستون‏-نيۇيورك بىرلەشمە كوماندىسى» ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان. ئاخىرىدا «ۋاشىنگتون د س ئۇيغۇر بىرلىكى» كوماندىسى 4:0 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئامېرىكا ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئېڭىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى بىرلىكنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى قازاقىستاندا «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» ناملىق كونسېرت قويغان

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان قازاقىستاندا «مەڭگۈلۈك مەشرەپ» نامىدىكى تىياتىرلاشتۇرۇلۇغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسەتكەن.

مەزكۇر سەنئەت پائالىيىتى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەركەز قارمىقىدىكى «جانان خانىم-قىزلار فوندى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىمۇ بۇ پائالىيەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.

بەش كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر كونسېرت 25-مايدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا، ئاندىن ئۈچ كۈن ئالماتا شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت سارىيىدا، ئىككى كۈن جولداسبېكوف نامىدىكى ئوقۇغۇچىلار سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى ئالماتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا يەنە ئىككى كۈن ھەقسىز ئويۇن كۆرسىتىدىكەن.

تايلاندتا قامىلىپ ياتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلغان

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار يېقىندا د ئۇ ق نىڭ تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 31‏-مايدىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار باياناتتا، بۇ قېتىملىق ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى قويۇپ بېرىپ، تاكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىشىگە يول قويغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر باياناتتا ئۇلار ئەگەردە ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتسە ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراش، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا دۇچ كېلىش خەۋپى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تايلاند دائىرىلىرى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا بولغان تەقىبنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.