rabiye-xanim-yaponiye-diniy-olima-1.jpgرابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى دىنىي تەشكىلاتلارنى تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. 2016-يىلى 1-ئىيۇن.

30-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە ياپونىيەنىڭ ناگانو، كاناگاۋا ئۆلكىلىرىدىكى قەدىمىي بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىلىرىدا زىيارەتتە بولغان رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى بۇددا دىنىي تەشكىلاتلىرىنى تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ناگانو، كاناگاۋا ئۆلكىلىرىدىكى قەدىمىي بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىلىرىدا زىيارەتتە بولغاندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى بۇددا دىنىي تەشكىلاتلىرىنى تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەدىكى بۇددا دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ ۋەكىللىرى ناگانو ئۆلكىسىدىكى زېنكوجى بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىسىغا جەم بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالغان. زېنكوجى بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىسىدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن 26-ماي ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە توختالغان.

رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىدا يەنە، نۆۋەتتە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، دىنىي ئەربابلار ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيەدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 56 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پات يېقىندا ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زېنكوجى بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىسى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن 2008-يىلى خىتايدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى تۇرغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1-ئىيۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كاماكۇرا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر قىسىم دىنىي زاتلار ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار يېقىندا د ئۇ ق نىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 31-مايدىن باشلاپ تايلاند ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەرىكىتىنى باڭكوك ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قويۇپ بەرگۈچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.