2016.05.31
duq-yaponiye-waseda.jpgduq-yaponiye-waseda.jpg

30-ماي ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى توكيودىكى ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالاھىدە سۆھبەتتە بولدى.

ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان فاكۇلتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان. سۆھبەت كەچ سائەت بەش يېرىمدىن يەتتە يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان. سۆھبەتكە بىر قىسىم پروفېسسورلار، دوكتورلار، ئاسپىرانتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى توكيودىكى قەدىمىي خۇسۇسىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە ئالاھىدە سۆھبەتتە بولغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىتنىڭ (ئاگاھىي) بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتقا ھەتتا مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان ۋە رابىيە قادىر خانىمدىن كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىن تۈركىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان.

سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە تولىمۇ قىزىققان بولۇپ، كۆپچىلىك بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە ئورتاق كۆڭۈل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.