yaponiye-parlament-ezasi-nagao-rabiye-qadir.jpgياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ناگاو ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن. 2016-يىلى 28-ماي، ئوساكا.

28-ماي ياپونىيەنىڭ ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ناكونوشىما مەركىزىدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىننى كانساي رايونىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلار بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ،يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى توغرىسىدا رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دوكلات بەردى.

دوكلات باشلىنىشتىن ئىلگىرى دوكلاتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىدە كەلگەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ناگائو ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر رابىيە قادىر خانىم بىلەن تەپسىلىي سۆھبەتتە بولدى.

ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ناگائو ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

بىر قاتار سۆھبەتلەردىن كېيىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوراللىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە 2014-يىلىدىكى 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ۋە 2013-يىلىدىكى 26-ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى.

دوكلاتتا ئىككىنچى بولۇپ سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار نامىدىن ياپون ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارغان يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر رايونىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ دوكلاتىدا 2000-يىللاردىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۈمىد خەمىت دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مائارىپى ئوقۇشلۇق كىتابلىرىدىن ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى چىقىرىپ تاشلىنىپ، خىتاي ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز دوكلات يىغىنىدىن كېيىن دوكلاتقا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەرگە مىكروفونىمىزنى سۇندۇق.

ياشلىرى ئەللىكتىن ھالقىغان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تەتقىقاتچى خانىم دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «دوكلاتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولمىغان سىياسىي ھاياتىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. شەخسەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشالمەن» دېدى.

ياپونىيەدىكى جەنۇبىي موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇرىچى دوكلاتتىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دوكلاتىدىن سۆيۈندۈم.ئەلۋەتتە، ھەممىمىز بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. بۈگۈنكى دوكلات سۆزلىگەن كىشىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئوساكادىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى خانىم دوكلاتتىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ: «ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ دوكلاتى ناھايىتى چۈشىنىشلىك بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن بىر ۋەزىيەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ بىئارام بولدۇم. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللايمەن ۋە يېقىندىن ياردەم بولىمەن» دېدى.

ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ناكونوشىما مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن توققۇزغا قەدەر داۋاملاشتى.يىغىنغا تەخمىنەن يۈز ئەللىككە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.