6- ئىيۇل ھىندىستاندىكى « يېڭى دېھلى ۋاقتى» تورىدا، ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ھىندىستان مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى سېلىشتۇرما قىلىنىپ ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتىسز سىياسەتلىرى ئاستىدا ئەڭ ئاساسىي ھۇقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قېلىپ، قېيىنچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا مۇنۇلار بايان قىلىنغان.
« دىن ئەركىنلىكى، ياشاش ھۇقۇقى ۋە پىكىر بايان قىلىش ھۇقۇقى ھىندىستان ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاساسىي پىرىنسىپلار بولۇپ، ھىندىستاندا توغۇلغان ھەرقانداق ئادەم باشتىن – ئاخىرى بۇ ھۇقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بەھرىمان بولۇۋاتقان بۇ ھۇقۇقلارنىڭ قىممىتىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە سېلىشتۇرمىغۇچە ، بۇ ھۇقۇقلارنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ.
ياشاش ، يېيىش ، سۆزلەش ۋە كىيىنىش ئەركىنلىكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك ھۇقۇقى، ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بۇ ئاساسىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىنغان. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرىنى چەكلىگەن ۋە نۇرغۇن گۇۋاھچىلار ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا مەخپىي گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى دۇنيا ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئاشكارىلىغان. ھىندىستان مۇسۇلمان ئاياللىرى خالىغانچە ياشاش ، ئۆزىنى خالىغانچە ئىپادىلەشتە ئەركىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، كىيىنىشى، دىنىي تەربىيە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىپ خىزمەتكە كىلىشىنى چەكلىگەن ۋە بۇ تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشاتقان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ، ھىندىستانلىق مۇسۇلمان ئاياللار ئىشخانا ، سودا-ساراي ، رېستوران ، كىنوخانا قاتارلىق ھەر قانداق جايدا ھىجابنى خالىغانچە كىيەلەيدۇ ، ئەگەر ئۇلار دۆلەت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىسىلا ، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە ۋە ئۇ يەردىكى مېڭە يۇيۇشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقى بايقالسا، ئۇلار ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى ئاياللارغا بالىياتقۇ ئىچكى ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە تۇغۇلۇش نىسبىتى% 60 تۆۋەنلىگەن. بۇنى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىدى. ئەكسىچە ، ھىندىستانلىق مۇسۇلمان ئاياللار ئۆز ئارزۇسى بويىچە خالىغانچە تۇغۇش ھۇقۇقىغا ئىگە.
ھىندىستانلىق مۇسۇلمان ئاياللار ئۆز ئارزۇسى بويىچە بالىلىرىنى تەربىيلىيەلەيدۇ. ئۇلار بىرەر ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىسا، شۇ ھامان ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى بىرەر سۆزنى قىلىشنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ھىندىستان مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى ئاسان. نۇرغۇنلىغان ھىندىستانلىق مۇسۇلمان ئاياللار ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا كىرىپ ئەركىن خىزمەت قىلالايدۇ ۋە خىزمەتتە نۇرغۇن ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى قوللايدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەشتە ئەركىن بولۇپلا قالماي ، يەنە غەيرى مۇسۇلمان دوستلىرىمۇ ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ، بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە مەھەللە ئىناقلىقى، شۇنداقلا ھىندىستان ھۆكۈمىتى يولغا قويغان كەڭ قورساقلىق دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرى ئۈچۈن پەقەت يىراقتىكى ئارزۇ. ئۇلار چىدىغۇسىز خورلۇقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭسىز سىياسەتلىرى ئاستىدا ئامالسىز ياشايدۇ.
ھىندىستان جەمئىيىتىنى مۇكەممەل دېيىشكە بولمايدۇ ، ئۇنىڭمۇ كەمچىلىكى بار ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ مەلۇم بىر جەمئىيەتتىكى ئاياللارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى، دېگەنلىك ئەمەس. ئاياللارغا قارىتىلغان جىنايەتلەر ھىندىستاندا دىننىڭ نېيتراللىقى بولۇپ ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا توختىماي ھەل قىلىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ قىيىنچىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن گۇمانلانغان بەزى ساختا زىيالىيلار ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىشى كېرەك.»
مەنبە: « يېڭى دېھلى ۋاقتى»