teywen-muxbir-rabiye-xanim.jpgتەيۋەن «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى مېيكى چياڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. 2016-يىلى 25-ماي، ياپونىيە.

25-ماي توكيودا «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتى ۋە ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتارلىقلار تەيۋەندىن چىقىدىغان «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتى ۋە ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ مەخسۇس سۆھبىتىدە بولغان.

تەيۋەن «تەيبېي ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى مېيكى چياڭ شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن ئالتىگە قەدەر توكيودىكى كىندۇ مېھمانسارىيىنىڭ ئايرىمخانىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم مۇخبىر مېيكى چياڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەيۋەن مۇخبىر مېيكى چياڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خانىمدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، رابىيە قادىر خانىم پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، شۇ كۈنى يەنە ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ مۇخبىرلىرى رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭىدىن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنى پىكىرلەشكەن.

سېيىت تۈمتۈرك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.

سېيىت تۈمتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلى 2014-يىلدىن باشلاپ تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە پاناھلىنىپ، كېيىن تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس فىلىم ئىشلىشى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن.

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى NHK قانىلى ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق قاناللاردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر قانال مۇھاجىرەتتىكى تىبەت، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن دالاي لاما، رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئىلگىرى كۆپلىگەن سۆھبەت پروگراممىسى فىلىملىرىنى ئىشلىگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.