2016.05.25

rabiye-yaponiye-muxbir-yighin-1.jpgرابىيە قادىر خانىم توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلماقتا. 2016-يىلى 25-ماي، توكيو.

25-ماي چۈشتىن كېيىن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش مەركىزىدە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە دوكلات بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە توختالغان.

بۈگۈنكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا 26-ماي ياپونىيەدە چاقىرىلىدىغان تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلارمۇ قاتناشقان.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي تارىخىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىنمۇ پاجىئەلىك بىر پەيتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا تەرەققىي تاپقان يەتتە دۆلەت يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن تۆتكە قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ مۇخبىرلار رابىيە قادىر خانىمدىن كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىغان.

بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ھەمراھ بولغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.