rabiye-yaponiye-ziyaret-ayrodrom.jpgرابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئايرودرومىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالغان. 2016-يىلى 24-ماي، توكيو.

24-ماي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيوغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىن شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا توكيودىكى نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن. رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئايرودرومغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدا بىر قىسىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.