turkiye-uyghur-seyit-tumturuk-nejmettin-chuhadaroghlu.jpgسېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ ئەپەندىنىڭ پروگراممىسىدا

تۈركىيە بويىچە تارقىتىلىۋاتقان TV 1 تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى. مەركىزى قەيسىرىدە تۇرۇشلۇق TV 1 قانىلىنىڭ تونۇلغان پروگرامما رىياسەتچىسى نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ ئىشلىگەن پروگراممىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

18 – ماي كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا تارقىتىلغان، بىر سائەت داۋاملاشقان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەزكۇر پروگرامما توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ت ۋ پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ مەزكۇر پروگراممىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيەدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر مۇھاجىرلار توغرىدا» ماۋزۇلۇق يىغىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ياۋروپا زىيارىتى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە بەزى ژۇرنالىستلار ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە يازماقتا ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىمەكتە. بۇلاردىن بىرى نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ ئەپەندىدۇر. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇنىڭ 15 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كىشىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قەيسىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمىرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى قەيسىرىدە 4 ئاخبارات ئورگاننىڭ مۇخبىرلىقىنى قىلىۋاتقان نەجمەتتىن چۇھاداروغلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

نەجمەتتىن چۇھاداروغلىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ 18 – مايدىكىگە ئوخشاش داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پروگراممىلار ئىشلىشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ژۇرنالىست نەجمەتتىن چۇھاداروغلۇ 15 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئونلىغان ماقالە يازغاندىن سىرت، كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن. 2012 – يىلى ياپونىيەدە چاقىرىلغان 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىپ تارقاتقان.