2016.04.25
uyghur-musapirlar-mesilisi-2.jpg

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ھەققىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 25-ئاپرېل، گېرمانىيەدە. RFA/Qutluq

25-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە شۇنداقلا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» ۋە گېرمانىيە دۆلەت مارشلىرىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى مارىنو بۇساداچىن سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا ئېلىپ بارغان 25 يىلدىن بۇيانقى پائالىيەتلىرىگە ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ھاننو سۆز قىلىپ ھازىرقى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي زۇلۇملىرىدىن قېچىپ چەتئەلگە چىقىپ پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىدا چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لۇيىسا خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرغا قەدەر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتنىڭ تارمىقىدىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىقلىرىغا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئەھۋالىغا يۇقىرى باھالار بېرىپ، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لۇيىسا خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئۆزىنىڭ كېسەلچانلىقىغا قارىماي بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئاۋسترالىيەدىكى مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ قىلدى.

يىغىن ئەھلى يىغىننىڭ ئەتىگەنلىك پروگراممىسىدا يەنە تەتقىقاتچى پېتېر ئىرۋىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2016-يىللىق مۇھاجىرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى، تەتقىقاتچى ھېنريكنىڭ «2009-يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئومۇمىي نەزەر» ناملىق ماقالىسىنى ئاڭلىدى.

چۈشلۈك غىزادىن كېيىن كۆپچىلىك داۋاملىق ھالدا داۋاملىق ھالدا تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە ئۇلار دۇچ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر»، ئامېرىكىلىق ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ «ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى» ناملىق ماقالىسىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنىۋەر ئەھمەتنىڭ «مۇساپىرلار ۋە پاناھلىق تىلەش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» دېگەن دوكلاتىنى تىڭشىدى.

ئۇندىن باشقا يەنە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەردىن مارىئېئو «خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇزۇن قولى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى.

يىغىننىڭ بۈگۈنكى پروگراممىسىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن يىغىن ھەققىدە توختالدى
بۇ قېتىمقى بېرلىندا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسارىيە، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر قاتناشتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.