yazghuchi-meyka-musha.jpgخىتاي مەسىلىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ياپونىيەدىن چىقىدىغان «جۇڭگوغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مانجۇ ئايال يازغۇچى مېيكا مۇشا خانىم سۆز قىلماقتا. 2016-يىلى 26-مارت، توكيو.

26-مارت توكيودىكى «ياپونىيە ئاخباراتى مەركىزى» دە خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

توكيودىكى «ياپونىيە ئاخبارات مەركىزى» دە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي مەسىلىرى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنىدا ياپونىيەدىن چىقىدىغان «جۇڭگوغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مانجۇ ئايال يازغۇچى مېيكا مۇشا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە تيەنئەنمېن ۋەقەسى» ماۋزۇسىدا دوكلات بەردى.

دوكلاتتىن كېيىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مېيكا مۇشا دوكلات ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يازغۇچى مېيكا مۇشا دوكلاتىدا 1989-يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن قوراللىق ئۆلتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان. تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىنى باستۇرۇشتا قوللانغان قەبىھ ۋاسىتىلىرى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان يازغۇچى مېيكا مۇشا دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلىدىن ھازىرغىچە خىتايدا جەمئىي ئىككى مىڭدىن ئوشۇق پولات-تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن ئىشتىن توختىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا بەش مىليوندىن ئوشۇق ئىشچىنىڭ ئىشسىز قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا: «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر يانار تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يۈز ئىشسىز قالغان ۋە مائاشلىرى بېرىلمىگەن ئىشچىلار توپلىشىپ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى ۋە پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان ئاۋىئاماتكىسى ھەققىدىمۇ دوكلاتتا بەزى بىر ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

يازغۇچى مېيكا مۇشا خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە تەييارلىغان بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتكەن.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۆلىكىدە 1949-يىلى ئۆكتەبىردە ۋاڭ جىن باشچىلىقىدىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 1990-يىلىدىكى بارىن ئىنقىلابى،1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا ئۇ، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى تاسادىپىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى30 مىڭ كىشىلىك قوراللىق ئالاھىدە قىسىمنى خىتاي ئۆلكىسىدىكى مەلۇم ھەربىي رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

يازغۇچى مېيكا مۇشا دوكلاتىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئۆز تۇپراقلىرىدا باستۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ يىل 3-ئايدا تەيۋەندە چاقىرىلغان ئاسىيا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىغا رابىيە قادىر خانىم ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ قاتنىشىشى تەيۋەن دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان» دېگەن.

دوكلاتتا ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تۈرلۈك يىغىن ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە خىتاي ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس ياللانغان خادىملىرىنى ئەۋەتىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر توپلىغانلىقىنى، ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئاخبارات توپلاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تا بۈگۈڭىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغان ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن.

ئۇ، دوكلاتىدا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا،خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قالايمىقان كان ئېچىشىدىن يايلاقلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ئۇران پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ مۇھىت بۇلغىشى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن چارۋىچىلارنىڭ ھەر-خىل ئۆسمە كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن خارۇگۇجى مورى ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ:«دوكلاتتىن بۇ قېتىمقى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق. خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېدى.

ياپونىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن يامادا نورىكو دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوق دەپ قارايتتىم. بىراق دوكلاتتا دېيىلگەن مەزمۇنلاردىن قارىغاندا خىتاينىڭ ھەربىي تەييارلىقى ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغاندەك قىلىدۇ» دېدى.

يازغۇچى مېيكا مۇشانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئىكەن.

توكيودىكى «ياپونىيە ئاخبارات مەركىزى»دە ئېلىپ بېرىلغان خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.