bdt-xitaydin-sual-sorash-yighinida-305.pngد ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت دا خىتاي ھۈكۈمىتىدىن بالىلار ھەقلىرى توغرىسىدا سۇئال سوراش يىغىنىدا

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر پەيشەنبە كۈنى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئىكەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىد قىلىنغان ئورتاق خىتابنامە ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپادىكى ئەنگلىيە، دانىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە قاتارلىق 12 دۆلەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.

خىتابنامىدە، خىتاينىڭ ئاممىۋى گۇرۇھلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق باستۇرۇشى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلىرىغا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتابنامىنى ئامېرىكا ئەلچىسى كېيس خارپېر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى 27-نۆۋەتلىك 31‏-يىغىنىدا ئوقۇدى.

كېيس خارپېر مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بولۇپمۇ بىز ئۇنىڭ ھازىرقى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئاممىۋى گۇرۇھ رەھبەرلىرىنى، ئادۋوكاتلارنى قولغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. بۇنىڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن دېلولاردا ئۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنىي مەسلىھەتكە ئېرىشىشى، ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىدى.

بۇ قىلمىشلار خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ۋە ئۇنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ.»

خىتابنامىدە يەنە، خىتاينىڭ خىتاي چېگراسى سىرتىدىكى بەزى خىتاي ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى مەجبۇرى تۇتۇپ كېتىشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭ خەلقئارا ۋە خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپلىقى قەيت قىلىنغان.

كېيس خارپېر مۇنداق دېدى: «بىز يېقىندا يۈز بەرگەن خىتاي چېگراسى سىرتىدىكى خىتاي ۋە چەتئەللىك پۇقرالارنىڭ ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمەي ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ھادىسىلىرىدىن، ئۇلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېتىش ۋەقەلىرىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىمىز. بۇ خىل قانۇندىن ھالقىغان ھەرىكەتلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆتكەن تەلىپى ۋە قانۇن-نىزام ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپكە قىلىنغان خىرىس.»

12 دۆلەتنىڭ خىتابنامىسى دەرھال د ئۇ ق نىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن كۈچلۈك بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر: «بۇ خىتايغا بېرىلگەن ئىنتايىن چوڭ سىگنال. نۇرغۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، غەرب دۇنياسى خىتايغا ناھايىتى چىرايلىق دېدى. ‹ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختات، تىبەتكە كىشىلىك ھوقۇق بەر، تۈرمىدىكىلەرنى چىقىرىۋەت› دېگەندەك نۇرغۇن ئىنكاسلار بولۇپ كەلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى پىسەنت قىلماي ئۆزىنىڭ دىكتاتورلىقىنى يۈرگۈزۈۋەردى. ئەگەر خىتاي بۇنى قوبۇل قىلماي داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بۇ دۇنيا خىتاينىڭ ئىچىگە ئارىلىشىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ قارايمەن.»

رابىيە قادىر خانىم يەنە، بۈگۈنكى دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىر خەلقئارا مەسىلە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رابىيە قادىر: «خىتاي ھۆكۈمىتى چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. بىز چىداپ تۇرالمىغاندىن سىرت دۇنيامۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، بۇنىڭ كەلگۈسىدە دۇنياغا بىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. مەن، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقى ئۇنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، خەلقئارا ئارىلىشىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇ ۋاقىت، شۇ سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكا ئەلچىسى كېيس خارپېر خىتابنامىنى 12 دۆلەتكە ۋاكالىتەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى، قاتار شاھزادىسى زەئىد رائاد ئەل-ھۆسەييىننىڭ يىغىندا سۆزلىگەن يىللىق نۇتقىدىن كېيىنلا ئوقۇغان. رئاد ئەل ھۆسەيىن بولسا يىللىق نۇتقىدا، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

رائاد ئەل ھۆسەيىن بۇ يىل فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان قولغا ئېلىش ۋەقەلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈنكى سۆزىدە ئۇ، بۇ ئەندىشىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رائاد ئەل ھۆسەيىن: «بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال مەن خىتاينىڭ ئادۋوكات ۋە باشقا پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئېلىشىغا قارىتا ئەندىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. شۇنداقلا بۇرۇن مەن يەنە تىبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈن بۇ مەسىلىلەردىكى ئەندىشەم داۋاملىق بار. بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ پىكىر سورۇنى يارىتىش ۋە دىئالوگ قۇرۇش مېنىڭ ۋەزىپەم» دېگەن.

بىراق يىغىندا خىتاي تەرەپ 12 دۆلەتنىڭ خىتابنامىسىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، 12 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى خىتابىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئۇ پەقەت ئىنتايىن قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

يىغىندا خىتاي دىپلوماتى فۇ سوڭ ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: «ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى خورلاش بىلەن نامى چىققان. ئۇنىڭدا قوراللىق زوراۋانلىقنىڭ چېكى يوق. ئىرقچىلىق ئۇنىڭدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر ۋابا. ئۇ باشقىلارنى كەڭ كۆلەمدە مەخپىي تىڭشاپ كەلدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىگۇناھ پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇنىڭ قوراللىق قىسىملىرى چەتئەل تۇپراقلىرىدا باسقۇنچىلىق قىلدى ۋە يەرلىك خەلقنى ئۆلتۈردى» دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن 12 دۆلەت خىتابنامىسىدە بولسا خىتاينى خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، قاماقتىكى بارلىق پائالىيەتچى، ئاممىۋى گۇرۇھ رەھبەرلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

كېيس خارپېر: «بىز خىتاينى ئۆزىنىڭ قانۇن تۈزۈم ۋە خەلقئارا مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى تىنچ يولدا قوللىنىپ، ئۆز كەسپىنى قانۇنلۇق ئىجرا قىلىپ قولغا ئېلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئاممىۋى گۇرۇھ رەھبەرلىرىنى ۋە ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى قوللايمىز» دېگەن ئىدى.