erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىشىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازاسىنى يېنىكلەتكەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى مەھبۇسلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پۇشايمان قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۈش ۋە ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا مەجبۇرىي يازدۇرغان سۈنئىي پۇشايمان باياناتلىرىنىڭ خىتاي كۈتكەندەك ئۇنداق نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنىڭ يەنىلا ھەق-ئادالەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن سىياسىي مەھبۇسلار تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى 1‏-تۈرمىدە چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۈسەنجان جېلىل، مەتتوختى مەتروزى قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قاماق جازاسىنى قىسقارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2
ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان مەزگىلىدىكى ئامانلىق تەدبىرى كۈچەيتىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چاغان مەزگىلىدە يۇرتى ئايكۆلگە قايتۇرۇپ كېلىپ، كۈندە ئۈچ ۋاق يوقلىما تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىشلەمچى ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى 3 ۋاق كەنت مۇقىملىق ئىشخانىسىغا بېرىپ، يوقلىمىدىن ئۆتىدىكەن.

يېقىندا ئايكۆلگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن بىر ئۇيغۇر ياش، ھازىر يېزىنىڭ ۋەزىيىتى بەك قاتتىقلىقىنى، يېزا ئاھالىسىنى سىرتقا چىققىلى قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېيتىشىچە، كەنتتىكى مۇقىملىققا مەسئۇل دائىرىلەر كەنت ئەزالىرىنى بولۇپمۇ ئىشسىز ياشلارنى كۈندە 3 قېتىم يوقلىما قىلغاندىن باشقا يەنە، تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەييارلاشقا سالىدىكەن. يوقلىمىغا كىچىككەن ياكى سەنئەت نومۇرلىرىنى تەلەپكە لايىق ئورۇندىيالمىغانلارنى بولسا جازالايدىكەن.

3
خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى 23 مىليون 600 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەزكۇر رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2015‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا 23 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ، بىر يىلدا 610 مىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دائىرىلەر بۇ سانلىق مەلۇماتنى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق مىللىي ئىقتىسادىي پائالىيەت ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك ئاخبارات يىغىنىدا جاكارلىغان.

يىغىندا رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى بىر يىللىق ئومۇمىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم ھالقا-ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇس ئىچىدىكى نىسبىتى، تۇغۇلۇش-ئۆلۈش ۋە ئەر-ئايال نىسبىتى، شەھەر، بازارلاردىكى ئولتۇراق نىسبىتى ھەمدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تىلغا ئېلىنمىغان.

مەزكۇر مەلۇمات، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇسنى مۇقىملىق مەسىلىسى، دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش، ئۇيغۇر نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا خىتاي ئاھالىسىنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى، دەپ قارايدىكەن.

4

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چاغان ھارپىسىدىكى مەدەنىيەت فېستىۋالىنى يېرىمىدا توختىتىپ قويدى

4-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەدە باشلانغان «غەربىي ئاۋسترالىيە-جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» سېدنىي تىياتىرخانىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

«فېستىۋال» 8‏-فېۋرالغا كەلگەندە ئاۋسترالىيەلىك 2 ئۇيغۇر تىياتىرخانىغا كىرىپ، ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان كۆك بايرىقىنى ئاسقان ھەم شوئار توۋلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بايراق ۋە نارازىلىق ئاۋازىدىن چۆچۈگەن خىتاي تاماشىبىنلار تىياتىرخانىدىن قاچقان. فېستىۋال يېرىمىدا توختاشقا مەجبۇر بولغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مەمتىمىن ئەلا بىلەن ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئابدۇكېرىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شۇ كۈنكى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى نورمال، ئۇيغۇر خەلقىنى بەختلىك دەپ تەشۋىق قىلىش پىلانى كۆكبايراق ۋەقەسى بىلەن مەغلۇپ بولغان.

بۇ قېتىمقى بۇ مەدەنىيەت فېستىۋالىنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭغا ئىززەت ئىلياس، تۇرسۇنئاي ئىبراھىم قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ۋە يەنە بىر قىسىم تاجىك قاتارلىق باشقا مىللەت سەنئەتكارلىرى ئويۇن كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

5

نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاراماي نېفىت ئىشچىلىرىغا تەسىر قىلدى

نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قارىمايدىكى نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ كىرىمىگە قاتتىق تەسىر قىلغان. ئىشچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى ئازىيىپ، مۇكاپات پۇلى ۋە تەمىناتى قىسقارغان.

قارىمايلىق بىر ئىشچى، ئىشلەش ۋاقتى بۇرۇنقىدىن نەچچە سائەت كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىش ھەققى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قارىماينىڭ يۇقىرى ئىستېمال تۇرمۇش سەۋىيىسىگە چوڭ تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئىشچىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ئېلىۋاتقان مائاشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا 1000 سومدىن 1500 سومغا قەدەر ئازايغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي نېفىتلىكى 60 يىلدىن بۇيان، ئاقبۇلاق، ئورقا، قارمايلى، جىمىسار قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق رايوندا نېفىتلىك بەرپا قىلغان. بولۇپ، بۇ رايونلاردىن توپلام 300 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت ئېلىنغان.

بۇلتۇرقى ستاتىستىكىدا، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىشى 11 مىليون 800 مىڭ توننىغا، گاز ئىشلەپچىقىرىشى 27 مىليارد 100 مىليون كۇبمېتىرغا يېتىپ بارغان.

6
تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مۇساپىر ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى

7-فېۋرال كۈنى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار قەيسىرى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارغا ئىقتىسادى ياردەمدە بولدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى «ئىرفان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق دوستلۇق جەمئىيىتى» بىلەن قەيسەرى شەھىرىدىكى «چەدۇت جەمئىيىتى» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلات بىرگە ئۇيۇشتۇرغان.

40 كىشىلىك ھال سوراش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى، «ئىرفان مائارىپ ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مەمەت كاكلىك ئەپەندى، «زىيارەت ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇدۇق» دېدى.

مەمەت كاكلىك ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۈغا ئىلتىماس قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ۋە تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسىتى ئېلىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، قەيسىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار خىتاينىڭ سىياسىي، دىنىي بېسىمىدا تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ چىقىپ، ئۇ يەردىن تۈركىيەگە كېلىپ قەيسىرىدە ئولتۇراقلاشقان.

7

گېرمانىيەدىكى «چوڭلار مەشرىپى» ھەققىدە تەسىراتلار

مەشرەپ گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش ۋە قوللاشتىكى مۇھىم جامائەت سورۇنى.

گېرمانىيە «چوڭلار مەشرىپى» مانا شۇ جامائەت سورۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر.
«چوڭلار مەشرىپى» نىڭ قازىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، «مەشرەپنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرچىلىق ھاياتىغا بەخش ئېتىۋاتقان تەسەللى ۋە مەنىۋى ئوزۇقى زور» دېدى.

مەشرەپنىڭ «پاششاپ» لىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلىيار ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. گېرمانىيە «چوڭلار مەشرىپى» بۇنىڭدىن 5 يىل ئاۋۋال باشلانغان.

ئاخىرقى قېتىملىق مەشرەپ 2015-يىلى 22-ئاۋغۇست گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەشرەپكە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ئەللەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشقان ئىدى.