yaponiye-yashlar-herkiti-geziti-rabiye-qadir.jpgياپونىيە«ياشلار ھەرىكىتى گېزىتى»نىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن باھالىرى

ياپونىيەدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن كۇرىتاكې ئاسىيا مۇنبىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ پەسىللىك گېزىتى بولغان «ياشلار ھەرىكىتى گېزىتى»نىڭ 2016 – يىللىق باھار پەسىللىك ئالاھىدە سانىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارەتلىرى» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات خاتىرىسى ئېلان قىلىندى.

بۇنىڭدا ئاساسلىقى 2012 – 2015 – يىللىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھالار بېرىلگەن.

كوللېكتىپ قەلەمگە ئېلىنغان مەزكۇر ئەدەبىي ئاخبارات خاتىرىسىدە ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دەپ تەرىپلىگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2012 – يىلى 5 – ئايدا توكيودا چاقىرىلغان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاتاغلىق ژۇرنالىست ۋە مۇتەخەسسىس ساكۇراي يوشىكو خانىم بىلەن بىرلىكتە ھەم سۆھبەتتە بولغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىگە بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنلىكى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

ئەدەبىي ئاخبارات خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەر قېتىملىق ياپونىيە سەپىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلىگەن دوكلات مەزمۇنلىرى ئاساسەن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانمىغان، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئىكەن.

ياپونىيە «ياشلار ھەركىتى گېزىتى» دە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىر قىسىم ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يەر تەۋرەش، دېڭىز – تاشقىنى زەربىسىگە ئۇچىرىغان فۇكۇشىما، ئىباراكى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەردىن ھال ئەھۋال سورىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن توپلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىئانىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئىبارەت بۇ پائالىيىتى، ياپونىيە خەلقىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2015 – يىلى 14 – ئۆكتەبىردىن 20 – ئۆكتەبىرگە قەدەر مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ توكيودا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئەدەبىي ئاخبارات خاتىرىسىدە ئالاھىدە تەسۋىرلەپ، «رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى مېيجى ئىبادەتخانىسىدا،ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئىبادەتخانىدا ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىۋىي سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈشكە ئېرىشتى. ساھىبخان تەرەپ خانىمنى ناھايىتى قىزغىن كۈتۈۋالدى» دەپ باھا بەرگەن.

مەزكۇر ئەدەبىي ئاخباراتتا نام شەرىپى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە توكيودا بەرگەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلات سۆزلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاتاغلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، ياپونىيە تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فۇجى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ :«ئىلگىرى ياپونىيەدە قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قوللاش كومىتېتىنىڭ بىر مەزگىل قۇرۇلتاي بىلەن ئۇزۇلۇپ قالغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىمىزنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيىتىنى يەنە قايتىدىن يولغا قويغانلىقىمىزنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدىكى مۇئاۋىن رەئىسىلىرىنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ كۇروتاكې ئاسىيا مۇنبىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ نامىدىن ئۇلارنى كۈتۈۋالدۇق» دېدى.

ياپونىيە«ياشلار ھەرىكىتى گېزىتى»نىڭ رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن باھالىرىدىن تەسىرلەنگەن خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى ئاروما خانىم رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە توختىلىپ:«2009 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە 5 – ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز دەرھال ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا خانىمنى توكيو، كيۇشۇ، كانساي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى ئوندىن ئارتۇق ئۇنىۋېرىستېتتا 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان چېغىمىزدىمۇ رابىيە قادىر خانىم ۋەقەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ئاشكارىلاپ، ياپون خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى» دېدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇنجى ياپونىيە زىيارىتىدىن باشلاپ خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كيۇشۇ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ سۆزىدە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئاخىرىدا يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەگە قىلغان سەپەرلىرىنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بولغان تەسىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.