rabiye-qadir-lantos-yaponiye-tebriklesh.jpgتوكيودىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى

13 – دېكابىر توكيودا رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2015 – يىللىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

رابىيە قادىر خانىم 10 – دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ 2015 – يىللىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

2015 – يىللىق لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان رابىيە قادىر خانىمنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە تىبەت، موڭغۇل، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە بىر قىسىم ياپونلار قاتناشقان.

قۇتلاش پائالىيىتى توكيو شىنجۇكۇدىكى تۈرك رېستۇرانىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم پائالىيەت ھەققىدە توختالدى. ئۇ شۇنداقلا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرى ۋە رولى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھېمايىچىلىرىدىن ساتو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«رابىيە قادىر خانىمنىڭ لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى خەۋىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خوشال بولدۇق. بىز يېقىن كەلگۈسىدە خانىمنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان رابىيە قادىر خانىمنىڭ لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىغا ھەر جەھەتتىن كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا تىبەت، خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە بىر قىسىم ياپونلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان.

توكيودىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھېمايىچىلىرىدىن ساتو سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۆتكەن ئايدا توكيودا ۋاپات بولغان، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بولغان مەرھۇم شىرەيشى ئەپەندىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنىڭمۇ ئەسلەپ ئۆتۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:«بۈگۈنكى پائالىيەتتە كۆپچىلىك بىردەك ساخاۋەتچى شىرەيشى ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بەزى پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھالار بەرگەندە، سورۇنىمىزغا ئىشتىراك قىلغان مەرھۇمنىڭ ئايالى كۆز ياش قىلدى» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.