
15-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى جەريانىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئانتالىيە جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا يىغىلىپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئانتالىيە شۆبىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ قاتناشقان بۇ نامايىشنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار قولىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىمى بېسىلغان ئاستىغا «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك»، «شى جىنپىڭ خىتايغا قايت» ۋە « شى جىنپىڭ بېسىمىڭنى توختات» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. بۇ نامايىش مەيدانىغا تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن سىرت يەنە بەزى خەلقئارالىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن.
بىز بۇ نامايىش ھەققىدە نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئابدۇغېنى بېكىن ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ نامايىشقا ئۇزۇندىن بېرى تەييارلىق قىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ توسۇشىغا قارىماي مىڭ بىر تەسلىكتە ئانتالىيەگە بېرىپ نامايىش قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نامايىشتا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئۆلچەم قېلىپ گ20 دۆلەتلەرگە ئەزا قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى جىنپىڭنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزيەسى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ نامايىشنى خەۋەر قىلىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
نامايىشقا قاتناشقان ئابدۇغېنى ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ 20 دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلغان ئانتالىيەدە 11-ئاينىڭ 15-كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى خىتاي رەئىسىگە ئېيتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، رۇسىيە دۆلەت رەئىسى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقىلار قاتناشقان بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيە مەسىلىسى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.