11-نويابىردا ئالماتادىكى «بىلال نازىم» كافېخانىسىدا 1933-ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر مۇراسىمغا ئالمۇتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن زىيالىيلار، ياشلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەتچىلىك قاتناشتى. ئالماتادىكى دىنىي پائالىيەتچىلەردىن بىرى مۇھەممەتجان ھاجىم ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشتە قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇغاندىن كېيىن، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى چوڭ دوكلات بىلەن سۆزگە چىقتى.
ئۇ ئۆز دوكلاتىدا، بىرىنچىدىن؛ قازاقىستاندىكى ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان تەسىرى، ئىككىنچىدىن، جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ غۇلاش سەۋەبلىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ھەم بۇ ھەرىكەتلەر ئارىسىدىكى ئىدىيىۋى باغلىنىش ھەققىدە توختالدى. ق. غوجامبەردى شۇنداقلا 2007-يىلى يورۇق كۆرگەن، ۋادىم ئوبۇخوفنىڭ «ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ توقۇنۇشى: شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ» ناملىق كىتابىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاش مەقسىتىدە يېزىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. دوكلاتچى، ئۈچىنچىدىن، رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ تۈپ مەقسەتلىرى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىتالىيە ۋە ياپونىيەگە قىلغان سەپەرلىرى، ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
قەھرىمان سۆزىدە يەنە، قازاقىستاندىكى دېموكراتىيەدىن پايدىلانغان ھالدا، بىلىم ئېلىش، مىللىي روھنى ئويغىتىش ۋە ئانا تىلىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ساقلاش، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئاكتىپ ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.
مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكىدىكى توم لانتوس ئىنسان ھوقۇقى ۋە ئادالەت فوندىنىڭ 2015-يىللىق خەلقئارالىق مۇكاپاتى بىلەن تەھرىرلەنگەنلىكىنى داغدۇغىلىق بىلەن قارشى ئالدى.
سۆزگە چىققان ئالماتادىكى دىنىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى ئەلىشېر خەلىلوف ئۆتكەن ئايدا بىريۇسسېلدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى «لىبېرال-دېموكراتلار ئىتتىپاقى» نىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئۆتكەن « دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى» تېمىسىدىكى يىغىندىن تەپسىلىي ئاخبارات بەردى.
مۇراسىمدا سۆز ئالغان تاتار خەلقىنىڭ پەرزەنتى، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم مۇنىر يېرزىن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» قانۇنىي رەۋىشتە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئامما ستالىن باشلىق سوۋېت رەھبەرلىكىنىڭ ساتقۇنلۇقى ئارقىسىدا يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ شۇنداقلا بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسى بولغان مىللىي ئازادلىققا يېتىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدە بۈگۈنكى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەربىيە بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى، ئۆز ئۆتمۈش تارىخىنى ئۇنتۇماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى. مۇراسىمدا شۇنداقلا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف، تارىخچى قاسىم مەسىمى، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوفلار مىللىي روھ، بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرى بىلەن سۆزگە چىقتى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «44-يىلى نويابىرنىڭ 12-كۈنى ئېلىخان تۆرەمنىڭ رەھبەرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى ئېلان قىلىندى. شۇ كۈنى بىز ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتۇق. بۆكلىرىمىزنى ئاسمانغا ئاتتۇق. بىزنىڭ بىرلا نىشانىمىز خەلقىمىز ئەركىنلىككە يەتكەندىلا مەيلى قايسىمىز بولايلى مەقسىتىمىز ھەل بولىدۇ. مەن ئۇيغۇر دېگەن ھەر بىر زىيالىيغا، ھەر بىر ئادەمگە شۇنى دېمەكچىمەن، بىرىنچى نۆۋەتتە مەدەنىيەتكە، ئەدەبىياتقا مىراسخورلارنى يارىتىشى كېرەك. شۇ ۋاقىتتىلا بىز مىللەت بولۇپ ساقلىنىپ قالىمىز، دەپ ئويلايمەن. قازاقىستان ياشلىرىغا، زىيالىيلارغا دەيدىغىنىم شۇ.»