shiraishi-yaponiye-yipek-yoli-3.jpg

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەمدە بولۇۋاتقان، ئۇيغۇر داۋاسىغا تۆھپە قوشقان ياپونىيەدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ساخاۋەتچى، ياپونىيە يىپەك يولى كۇلۇبىنىڭ ئىدارە باشلىقى مېنشۇ شىرايشى ئەپەندى 73 يېشىدا ۋاپات بولدى.

10-نويابىر ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ساخاۋەتچى شىرەيشى 73-يېشىدا توكيودا ۋاپات بولدى.

ئۆزىنىڭ كەمتەر ۋە سېخىيلىقى بىلەن ياپونىيە ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يېقىندىن ياردەمدە بولۇۋاتقان، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھارماس تۆھپىكارى، ياپونىيەدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ساخاۋەتچى، ياپونىيە يىپەك يولى كۇلۇبىنىڭ ئىدارە باشلىقى مېنشۇ شىرەيشى 10-نويابىر ئەتىگەن سائەت ئالتىدە كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي توكيودىكى دوختۇرخانىدا 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت شىرەيشىنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شىرەيشى ئەپەندى 1942-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مول تارىخىي بىلىملىرى بىلەن ياپون چاي مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكۈچى ئۇستاز بولغان. كۆپلىگەن كىشىلەرگە بۇ ھەقتە ساۋات بەرگەن. ياپونىيەنىڭ «ئېدو مەدەنىيىتى»، «مېيجى سىياسىي ئىسلاھاتى» توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىپ ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. كېيىنكى ھاياتىدا ياپون قەدىمىي ئاسارئەتىقىلىرىنى ئېلىپ-سېتىش سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

ياپونىيەدە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، 1985-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن توكيوغا ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ، ئەڭ دەسلەپتە ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن قىزغىن ياردەمدە بولغان. شىرەيشى 1996-يىلى ساخاۋەتچى ياپونلار بىلەن بىرلىشىپ توكيودا «يىپەك يولى كۇلۇبى» نى قۇرۇپ، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا نورۇز مەرىكىلىرىنى قۇربان ۋە روزا ھېيت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ كۇلۇب ئارقىلىق ياپون جەمئىيىتىگە ئۇيغۇر ئېلىنى كەڭ تۈردە تونۇشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ساخاۋەتچى شىرەيشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق مائارىپ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ياپون كارخانىچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە «يىپەك يولى كۇلۇبى مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، ئىئانە قىلىش» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. يىغىلغان پۇللارنى كۇلۇب ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.

ئۇ، 2002-يىلى ئىلىدىكى نۇرتاي ھاجىم يېتىملەر مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى توكيوغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئۇيغۇرلاردىن مەھبۇبە خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا مەھبۇبە خانىم يەنە، ئەينى يىللاردا شىرەيشى ئەپەندى مەكىت ناھىيەسىنىڭ دېھقان سەنئەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن دولان سەنئەت ئۆمىكىنى بارلىق ئىقتىسادىي چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، توكيوغا دولان مۇقاملىرىنى ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنىمۇ ئەسلەپ ئۆتتى.

ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «خىتايدىكى مىللەت مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئىۋاناگا شىرەيشى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتىدىكى چوڭ يوقىتىش دەپ قارايمەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ سۆيەتتى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مەدەت بېرەتتى. ئۇ ۋاپات بولغان بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز دەپ ئويلايمەن.»

ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم مەرھۇم شىرەيشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېلېفون سۆھبىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم شىرەيشىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.