duq-yaponiye-parlamenti-uyghur-dostluq-gurupisi.jpgد ئۇ ق رەھبەرلىرى ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە. 2015-يىلى 20-ئۆكتەبىر، ياپونىيە.

20-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى پارلامېنت سارىيىدا رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى فۇرىيا كېيجى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ،پائالىيەتكە ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىر قىسىم ئەزالار قاتناشتى.

ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئۆز نامىدىن يازما دوكلات تەييارلاپ تاپشۇرغان.

رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ پائالىيەتكە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى مەزكۇر يازما دوكلاتنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ پارلامېنت سارىيىدىكى پائالىيىتى بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.