
19-ئۆكتەبىر ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى توكيودا چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇئاۋىن رەئىسلەردىن سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىر ۋە ژۇرنالىستلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلىتىشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
توكيودىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن سائەت تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان.
بىز مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.