خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە قادىر ئالدىنقى كۈنى ياپونىيەدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «بىر جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى»نى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى رەت قىلىپ، «شىنجاڭدا بارچە خەلق تىنچلىق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىيەتنى كۆرمەسكە سېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئاز ساندىكى دىنى رادىكاللار ۋە زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى»ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دوكلاتلىرىدا بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ۋە زىددىيەتنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.