
17-ئۆكتەبىر توكيودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نەچچە يۈزلىگەن كىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى توكيودىكى ئاركادىيا يىغىن مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،يىغىنغا ئاتاقلىق ئەربابلاردىن توياما ئەپەندى بىلەن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى فۇجى ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىگە ئائىت سىن ئالغۇ لېنتىسى قويۇلغان. يىغىن كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىزگە قەدەر داۋاملاشتى.
بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەزكۇر دوكلات سۆزلەش يىغىنى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.