
16 – ئۆكتەبىر ياپونىيەدە زىيارەتتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە دۆلەتلىك نېگىزلىك مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىدە دوكلات سۆزلىدى.
ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە جەمئىيەتلىرىدىن – دۆلەتلىك نېگىزلىك مەسىلىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان سىياسىيون ساكۇراي يوشىكو خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات بەردى.
دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە ياپونىيە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئون بەش نەپىرى قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە سورۇندا سۈرەتكە ئېلىش ۋە سۆھبەتنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئوچۇق ئاشكارىلاش چەكلەندى.
دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن پۈتۈنلەي سوئال ۋە جاۋاب شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، ياپونىيەدىكى ۋەكىلى تۇرمۇھەممەت ھاشىم ۋە ياپونىيەدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق زىيالىيلار قاتناشتى.
بىز دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن دوكلاتىنىڭ ئاشكارا مەزمۇنلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.