Meyji-ibadetxanisi-rabiye-duq.jpgياپونىيە د ئۇ ق غا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن رابىيە قادىر خانىم شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەت 1920-يىلى سېلىنغان ياپونىيەدىكى قەدىمىي ئىبادەتخانىلاردىن بىرى بولغان مېيجى ئىبادەتخانىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. 2015-يىلى 14-ئۆكتەبىر، توكيو.

14-ئۆكتەبىر چۈشتە، ياپونىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن رابىيە قادىر خانىم شەرىپىگە توكيودا كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بېرىلدى.

رابىيە قادىر خانىم شەرىپىگە بېرىلگەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتى توكيو شىبۇيادىكى مېيجى ئىبادەتخانىسىدە ئېلىپ بېرىلدى. كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە ياپونىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى توياما ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. مۇراسىمدا رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى.

زىياپەتتە يەنە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ياپونىيە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم بېرىش ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىمىلىك سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئۇندىن باشقا، زىياپەتتە يەنە قەدىمىي ياپون ناخشا-ئۇسۇل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلگەن.

زىياپەتتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ساھىپخان تەرەپنىڭ ھەمراھلىقىدا توكيودىكى خان ئوردىسى مۇزىيخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.

مېيجى ئىبادەتخانىسى 1920-يىلى سېلىنغان ياپونىيەدىكى قەدىمىي ئىبادەتخانىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، ياپونىيە تارىخىدا ئۆتكەن مېيجى خاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خانىشىغا تەقدىم قىلىنىپ سېلىنغان.

مېيجى ئىبادەتخانىسى ئادەتتە ياپونىيە دىنىي ئەنئەنىسى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ يەردە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، ھىلارىي كلىنتون خانىم ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇئىدو ۋېستېرۋېللې قاتارلىقلار قارشى ئېلىنغان.

بىز مەزكۇر كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.