
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات، ئىتالىيە سوتسىيال لىبېرال پارتىيەسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا زىيارەتتە بولدى.
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىتالىيەدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە شۇنداقلا كۆپلىگەن سىياسىيونلار، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئۇلار بىلەن ئەتراپلىق سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى.
رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاھىدە ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغانلار ئىچىدە ئىتالىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە پرېزىدېنت نامزاتى ئېما بونىنو خانىم ۋە ئىتالىيە ترانس-ناسىئونال رادىكال پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ماركو پانېللا قاتارلىق داڭلىق شەخسلەرمۇ بار.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئىتالىيە كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى «سوكىئەرا لىبەرا» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن رىم شەھىرىنىڭ مەركىزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشتا قاتتىق يامغۇرغا قارىماستىن رابىيە قادىر خانىم نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالدى. نامايىشتا ھەممە بىردەك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك»، دېگەندەك تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۆمەر قانات ياپونىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيوغا يېتىپ بارغان. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە ياپونىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدىكى پالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر، سىياسىيونلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىتىمىز.