duq-rehber-tokyo-rabiye.JPGياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ئەزالىرى نارىتا ئايرودرومىدا رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. 2015-يىلى 13-ئۆكتەبىر، توكيو.

13-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى توكيودىكى نارىتا خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ئەزالىرى نارىتا ئايرودرومىغا چىقىپ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

رابىيە قادىر خانىم ئايرودرومدا ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ تولىمۇ جىددىيلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم 9-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگە قەدەر ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان بولۇپ، ئۇ ئىتالىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا توكيوغا يېتىپ كەلگەن.

بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار ھەمراھ بولۇپ كەلگەن.

بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.