qazaqistan-almata1-oktebir-1.jpgقازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنىنى ماتەم كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەۋاتقان پائالىيەتتە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى سۆز قىلدى. 2015-يىلى 30-سېنتەبىر، ئالماتا.

30-سېنتەبىردە ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان كافىيخانىلارنىڭ بىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتتى. «1-ئۆكتەبىر كۈنى»نى ماتەم كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە، تۈركىيە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى ياد ئېتىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانلىقى ياخشى مەلۇمدۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنى ھەم ئۇنىڭ سىرتىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇماتلارنى مەتبۇئات سەھىپىلىرى، تور بەتلىرىدىن تاشقىرى يەنە جاي-جايلاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەزىر-چىراغ ۋە توي-تۆكۈنلەردىمۇ ئىگىلىمەكتە. بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى ئالاھىدە ئاتاپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.

شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىن كۆپلىگەن ۋەكىللەر قاتناشقان مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتى ئادەتتىكىدەك ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇشتىن باشلاندى. ئاساسىي دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان ق. غوجامبەردى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئورۇن ئېلىۋاتقان ۋەقەلەر، دۇنيا ۋەزىيىتى، شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى قازاقىستاندىكى دېموكراتىيىنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاتاردا باشقىمۇ مىللەتلەر تەقدىرىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا سۆز ئالغان ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوف، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇئاۋىنى ئاسىيەم تۇردىيېۋا ۋە باشقىلار مىللىي مائارىپ، ئۆرپ-ئادەت، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ۋە كېلەچىكى، دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم 1-ئۆكتەبىرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنىگە ئايلانغانلىقىنىڭ سەۋەبىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى «بىلال نازىم كافېسى» غا جەم بولۇپ، قىزىل خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى ناھايىتى مەككارلىق بىلەن ئىشغال قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 66 يىللىق كۈنىنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ماتەم كۈنى دەپ بىلىپ، ئۆتكەن ئېغىر يىللارنى بىر قۇر ئەسكە ئېلىپ ئۆتۈش ئۈچۈن نەزىر ھېسابىدا يىغىلدۇق. ق. غوجامبەردى جامائەتچىلىككە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ يىغقان ناھايىتى ياخشى مەلۇماتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان 1949-يىلدىن تا مۇشۇ كۈنگىچە خەلقىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئاتاپ چىقتى.

ئۇ شۇنداقلا ناتىقنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيىتى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بەھرىمەن بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇئاۋىنى ئاسىيەم تۇردىيېۋا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ھەم بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتىنىڭ زور بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مۇشۇ خەتمە-قۇرانلىرىمىزغا خەلقىمىز ئاڭلاپلا قالسا كېلىدۇ. ئۇلار كىچىككىنە بولسىمۇ قەھرىماننىڭ ئېغزىدىن رابىيە قادىرنىڭ خەۋەرلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلايمىز، بىز ئۈچۈن خۇشاللىقلار، يېڭىلىقلار بارمىكىن، ھوقۇقىمىزنى ئەتە يا ئۆگۈن ئالىمىزمۇ، دەپ تەلمۈرۈپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى چوڭ.