erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

«ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بولدى

بۇ يىللىق 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقنى خاتىرىلەش پائالىيىتى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بولدى. بۇ يىلقى خاتىرىلەش پائالىيىتى نامايىش، يىغىلىش ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىش شەكىللىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىلقى نامايىشلاردىكى ئۆزگىچىلىك بولسا، زور تۈركۈمدە تۈركلەرنىڭمۇ نامايىشقا قاتنىشى ياكى بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى ئۆز ئالىدا تەشكىللىشى بولدى.

نامايىشلار، ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە بىر نەچچە قېتىملاپ ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 2-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى.

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئايرىم-ئايرىم يىغىلىش قىلىپ، 5-ئىيۇل قۇربانلىرىنى ئەسلىدى ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار قىلىشتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈرك خەلقى تۈركىيەنىڭ 81 شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامزان چەكلىمىسىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى، مەجبۇرىي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كۈچلۈك خەلقئارا نارازىلىق قوزغىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۇنىڭ خەلقئارادا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئارقىدىنلا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھالدا 3-دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بولسا تايلاندنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا پەرۋاسىزلارچە خىلاپلىق قىلىش، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر تايلاندنىڭ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، ئەقەللىي ئادەمگەرچىلىككە خىلاپلىق قىلىپ، خىتاي بىلەن سودىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىردى

8-ئىيۇل تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تايلاند ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

8-ئىيۇل نامايىشچىلار ئىستانبۇلدىكى تايلاند ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە غەزىپىنى ئىپادىلىدى. 9-ئىيۇل يېقىنلىرى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قوللىرىدا تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىلىكى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بايانات بېرىپ تايلاندنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، تۈركىيە ۋە دېموكراتىك ئەللەرنى قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇشقا چاقىردى.

تايلاندقا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى جۈمە كۈنى تۈركىيەدىن باشقا يەنە گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىكى تايلاند ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا داۋام قىلدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇدى

سەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى نۇتقىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىدىن نەقىل كەلتۈردى.

مودى، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىققان شائىر، ئۇ مۇنداق يازغان» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنىڭ «قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى، چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز، توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق، تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز» دېگەن ئاخىرقى 4 مىسراسىنى ئوقۇدى.

مودى، رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدە ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنى زىيارەت قىلغان.

ميۇنخېندىكى مۇستەقىل كارخانىچىلار بىرلىكى پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

ئىگىلىشىمىزچە، 2‏-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى مۇستەقىل كارخانىچىلار بىرلىكىنىڭ ئىپتارلىق پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلىتىلغان.

مەزكۇر پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئالىمجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتكە باۋارىيە ۋىلايىتىدىكى تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشقان.

پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىمۇ ئاڭلىتىلغان.

2015-يىلى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشى زور كۆلەمدە داۋاملىشىدىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى 7 مىڭدىن ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نى 50 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن.

بۇ يىللىق مۆلچەر بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن 15 مىڭ نەپەر يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن ۋىۋىسكا بىلەن يۆتكىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن.