erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئابلىكىم ئابدۇرېھىم خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى

ياشلىق باھارىنىڭ 12 يىلىنى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغان ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 30-ماي خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 2006-يىلى 1-ئىيۇن باشقا ئىككى قېرىندىشى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان ۋە 2007-يىلى ئاپرېلدا «توردا ماقالە يېزىپ، بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن 9 يىل كېسىلگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ئابلىكىم 9 يىللىق جازا مۇددىتىنى مىنۇت-سېكۇنتلىرى بىلەن تولۇق تۈگىتىپ، قارا دەرۋازىدىن چىقتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچى 4-تۈرمىدە ئۆتىگەن.

ئۆز پەرزەنتىنىڭ تۈرمىدىن ھايات چىققانلىقىنى بىر ئۇتۇق دەپ قارىغان رابىيە قادىر خانىم بۇنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى ت. كۇمار ئەپەندى بۇ خەۋەردىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىر خانىم ئائىلىسىنى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشقا ۋە ئابلىكىمنىڭ سەپەر قىلىش ئەركىنلىكىنى بوغماسلىققا چاقىردى.

ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 1999-يىلىمۇ بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي تۈرمىسىدە 3 يىل ياتقان ئىدى.

قاغىلىقتا دىنىي زاتلارمۇ ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلاندى

مەلۇم بولۇشىچە، ھاراق-تاماكا سېتىشنى مەجبۇرلاش تۈزۈمى قاغىلىق ناھىيەسىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋە قاتتىق شەكىلدە يولغا قويۇلغان، ھەتتا يېمەك ئىچمەك دۇكىنى ئاچقان دىنىي زاتلارمۇ بۇ تۈزۈمگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلانغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ قاغىلىق ناھىيە سايباغ يېزا ھويلا كەنت مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىشىچە، ھويلا كەنت مەسچىتىنىڭ خاتىپى تۇرسۇن مەمەتمۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئاچقان يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىغا ھاراق-تاماكا سېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىمىت ھاجى، مەمەت نىياز ھاجى قاتارلىق 4 ھاجىممۇ ئامالسىز ھالدا دۇكانلىرىغا ھاراق-تاماكا سالغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىككى كەنت مەسئۇلى بۇلارنىڭ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ يىل 29-ئاپرېل خوتەننىڭ لاسكۇي بازىرىمۇ ئۇيغۇر دۇكاندارلىرىنى ھاراق-تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلاپ بىر ئۇقتۇرۇش چىقارغان. بۇ ئۇقتۇرۇش دۇنياۋى ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

«بۈگۈر ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن پىدائىيلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلدى

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2014‏-يىلى«بۈگۈر ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن پىدائىيلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن.

ئۆتكەن يىلى 21-ئىيۇن بۈگۈردە خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خىتاي ئاخباراتلىرى ھۇجۇمدا 50 كە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇلارنىڭ 40 نەپىرىنىڭ ھۇجۇمچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كېيىن ھۇجۇم يېتەكچىسىنىڭ تۇرسۇن مەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئىكەنلىكى، ھۇجۇمدا ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۈگۈرلۈك بىر ياشانغان كىشى مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى. مەمەت ئابلانىڭ 3 بالىسى بار ئىدى. چوڭى 6-7 ياشلاردا، كېچىكى 3 ۋە 1 يېرىم ياشلاردا ئىدى. ھۆكۈمەت ئۆزىمىز باقىمىز، دەپ ئېلىپ كەتتى. مومىسى، بوۋىسىغا بەرمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا قالغان ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى.

خىتاي ساقچىلىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي توقسۇ پارتلاش ۋەقەسىدە رول ئالغان 100دىن ئارتۇق ساقچىنى مۇكاپاتلىدى

خىتاي بۇلتۇر توقسۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 24-يانۋار زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدە رول ئالغان 100دىن ئارتۇق ساقچىنى مۇكاپاتلىغان.

بۇلتۇر 24-يانۋار توقسۇ بازىرىدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى 12 نەپەر پىدائىي تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ 3 موتسىكلىتتىكى بومبىلارنى پارتلاتقان. ۋەقەدە 6 نەپەر پىدائىي ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 6 نەپىرى ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى.

مانا بۇ ۋەقەدە 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن 100 دىن ئارتۇق ساقچى 3 دەرىجىگە ئايرىلىپ مۇكاپاتلانغان، بەزىلىرى يۇقىرى مەنسەپلەر بىلەن تارتۇقلانغان.

بۇ خىل كاتتا مۇكاپاتلاشلار ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدىمۇ يولغا قويۇلغان.

تارىخچى توختى مۇزات يۈرەك كېسىلى بىلەن بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى

2015-يىلى 29-ماي تارىخچى توختى مۇزات يۈرەك كېسىلى بىلەن بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى.

توختى مۇزات 1999-يىلى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» جىنايىتى بىلەن 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

توختى مۇزات ئەسلى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان تارىخ پەنلىرى دوكتورى. ئۇ 1998-يىلى 6-فېۋرال تەتقىقاتىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ ياپونىيەگە قايتىشىدا بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 1999-مارتتا جازاغا تارتىلغان. ئۇ 2009-يىلى 10-فېۋرال قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

كېيىنكى خەۋەرلەردە توختى مۇزات قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەركىن بولالمىغانلىقى، ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرى تەقىب قىلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ئىشقىمۇ مەخسۇس بەلگىلەنگەن ھۆكۈمەت خادىمى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئۇنىڭ مېيىتى ئائىلىسىدىكىلەرگە بېرىلمەي بېيجىڭدا يەرلىككە قويۇلغان.

قەيسەرىدە مۇساپىر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

3-ئىيۇن، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە مەزكۇر شەھەردە پاناھلانغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن 60 تىن ئارتۇق بالىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمنى مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇردى.

تەشكىلات رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بالىلارنىڭ بىر قىسمى ئاتا-ئانىسىز، بىر قىسىمنىڭ دادىسى ياكى باشقا تۇغقانلىرى خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقانلار ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەتتىن مەقسەت ئۇلارنىڭ باش-پاناھسىز ئەمەسلىكى، يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدە ئوغۇللارنىڭ خەتنىسى دوختۇرخانىدا قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ قېتىملىق پائالىيەت پەقەت بىر سىمۋوللۇق مۇراسىم ئىكەن. بۇ بالىلارنىڭ خەتنىسى بۇ ھەپتىدىن باشلاپ دوختۇرخانىدا قىلىنىشقا باشلىنىدىكەن.