
يېقىندا ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ژۇرنىلىدا 2013 – يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەييارلانغان «غايىبلار ئاۋازى» ناملىق يازما دوكلاتنىڭ ياپون تىلىدىكى تولۇق تەرجىمىسى نەشر قىلىندى. دوكلاتقا ئاساسلىقى 2009 – يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىكى ئىز – دېرەكسىز غايىب بولغان نامايىشچىلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى،سۈرەتلىرى قوشۇپ بېرىلگەن.
مەزكۇر دوكلات كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور نىشىخارا سېئىجى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان.
بىز، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسىنى نەشرگە تەييارلىغان ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور نىشىخارا سېئىجى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىيارىتىمىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلغان پروفېسسور نىشىخارا «غايىبلار ئاۋازى» ناملىق ياپونچە دوكلاتنىڭ نەشرگە تەييارلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
– گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىشخانىسى تەمىنلىگەن، 2013 – يىلى ئېلان قىلىنغان «غايىبلار ئاۋازى» ناملىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن بۇ قېتىم كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ژۇرنىلىدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدە شەرقىي تۈركىستاندا غايىب بولۇپ كەتكەنلەر ھەققىدىكى مەزكۇر دوكلاتنىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسى نەشر قىلىندى. بۇ دوكلاتنىڭ ئەنگىلىز تىلىدىكى تەرجىمىسى بولسا ئۆتكەن يىلى مەزكۇر ژۇرنالدا نەشر قىلىنىپ، تارقىتىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ياپونچە نەشرى دوكلاتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق نەشر قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
پروفېسسور نىشىخارا 5 – ئىيۇلدا غايىب بولغانلارغا ئائىت مەزكۇر دوكلاتنىڭ ياپونچە،ئەنگىلىزچە تىلللاردا ئارقا – ئارقىدىن ياپونىيەدە نەشر قىلىنىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ:«مەن ئىلگىرى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكى خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى باراۋەر، ئىتتىپاق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ياشايدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە سىياسىتىدە ھەممە مىللەتلەرگە ئورتاق ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ» دېگەن سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، خىتاي دۆلىتىنى ھەقىقەتەن كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك چوڭ دۆلەت دەپ قارايتتىم. ئەمما 2009 – يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى مەتبۇئاتلاردىن شۇنداقلا مەن بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكى«مىللەتلەر باراۋەر» دېگەن سۆزنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى بىلدىم» دېدى.
پروفېسسور، دوكتور نىشىخارا 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ ۋەقەنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان بىر قىسىم پائالىيەتلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
– 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مەن دەرھال ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ پولاتتەك پاكىتى بولغان 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىكى ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پاجىئەسىنى ياپونىيە خەلقىگە ئەتراپلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر ۋە يولدىشى سىدىقھاجى روزىنى دەرھال ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ، مەكتىپىمىزنىڭ ساھىپخانلىقىدا توكيو، ئوساكا، كيوتو ۋە كاگوشىما قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئون نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتتا 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات سۆزلەش، بۇ ھەقتە مەخسۇس مەتبۇئاتلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىشتەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردۇق.
5 – ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ياپونىيەدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى تەسىرى ھەققىدە توختالغان پروفېسسور،دوكتور نىشىخارا: «مېنىڭچە، 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ياپونىيەدە بىر قەدەر ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىندى. 5 – ئىيۇل ۋەقەسى ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشلۇق دەرسلىكىدىكى جەمئىيەتشۇناسلىق دەرسلىك كىتابىغا مەخسۇس بىر باب قىلىنىپ سۈرەتلەر بىلەن بىرگە كىرگۈزۈلدى. ياپون خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى يەنە قايتىدىن تونۇدى دەپ ئويلايمەن» دېدى.
ئۇ يەنە سۆزىدە، غايىب بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
– بىز داۋاملىق ھالدا بۇ ۋەقەدە غايىب بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق قانۇن – نىزاملارغا ئاساسلانغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئۆلۈپ كەتكەن، غايىب بولغانلارنىڭ ئۆلۈش ۋە يوقۇلۇپ كېتىش سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز كېرەك. غايىبلارنى ئىزدەش ھەر – بىرىمىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچى دەپ بىلىمەن.
پروفېسسور، دوكتور نىشىخارا سۆزىنىڭ ئاخىرىسىدا،2009 – يىلىدىن بۇيان ئۆزىنىڭ داۋاملىق ھالدا كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەزكۇر ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئاقسارايغا يوللانغان رابىيە قادىر مەكتۇبلىرى» ۋە شۇنداقلا «ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى» ناملىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ ماقالە يازىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.