4- ئىيۇل ئىستانبۇلدا İHH ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى مۇرات يىلماز باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا دوكلاپ بىرىش يىغىنى ئېچىلغان.
يىغىندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، غەرب دۆلەتلەرنىڭ دىققىتى شىياڭگاڭدىكى قانۇننىڭ يولغا قويۇلىشىغا مەركەزلەشكەن بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان لاگىرلارنىڭ سانى، قەيەرگە جايلاشقانلىقى، لاگىر ئىچىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ۋە قانداق كىشلەرنىڭ لاگىرلارغا سولىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇرات يىلمازناھايىتى ئىنىچكىلىك بىلەن تەييارلىغان دوكلاتنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان. يىغىندا يەنە 11 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئۇرۇمچى قىرغىنچىلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
مەنبە: En son Haber