2015.03.06

yaponiye-uyghur-sakuray-xitay-basturush-rabiye-qadir.jpgژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو خانىم رابىيە قادىر خانىم ۋە دوكتۇر تۇرمۇھەممەت ئەپەندىلەر بىلەن بىللە

ياپونىيەدە تونۇلغان ئاتاقلىق ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو خانىم خىتاينىڭ «ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى پەيدا قىلغان خەلقئارالىق ئانتى – تېررورلۇق ھاۋاسىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يوشىكو خانىم بۇ قاراشلارنى ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «شۇكانشىنچاۋ» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانىدا «خىتاي ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى كۆزنەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ»، سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 11 – سېنتەبىردىن كېيىنكى 2 – قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

«شۇكانشىنچاۋ» ژۇرنىلى
«شۇكانشىنچاۋ» ژۇرنىلى

ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو ماقالىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تېررورىزمغا باغلاپ باستۇرۇشنى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رەسمىي باشلىغان – ئىدى.» دەيدۇ.

شۇنداقلا، يەنە 2002 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى پرېزىدېنت بۇشنىڭ داچىسىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ بەزى تەكلىپلىرىگە بۇشنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ماقالىدە ئاپتور «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى ھەققىدە توختىلىپ: دۇنيا ھازىر «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتتە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەت يەنە قايتىدىن باش كۆتۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ بۇ تەشكىلاتىنى كۆزنەك قىلىپ تۇرۇپ بېيجىڭدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزمغا باغلاپ تۇرۇپ باستۇرۇشنى يەنە باشلىدى«، دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە: 1 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيەگە كەلگەن رابىيە قادىر خانىم ماڭا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ئىلگىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورتاق بىر سىياسىتى بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەنلىكىنى بايان قىلدى، دەيدۇ.

ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئۇيغۇر تىلى سىقىپ چىقىرىۋېتىلدى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى تىلىدىن ئايرىپ بولدى. ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.18 ياشتىن تۆۋەن باللارنىڭ مەسچىتكە كىرىشى، مەمۇرلارنىڭ، مائارىپ سېپىدىكىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشى چەكلىنىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە، خىزمىتىدىن بوشىتىۋېتىشتىن ئىبارەت قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى»، دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە: «ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ ئىسلامى كىيىملەر بىلەن ياسىنىشى ۋە بۇ خىلدىكى كىيىملەر بىلەن ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشىنىڭ چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ: ئىسلامى دىنىي كىيىملەرنى كىيگەن خانىم – قىزلارنىڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشى، دوختۇرخانا، مەكتەپ، كۇتۇپخانىلارغا كىرىشى چەكلەندى»، دەيدۇ.

ماقالىدە ھەم ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى روزا تۇتتۇرماسلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىياسەتلىرى ھەققىدىمۇ ئاپتور ئەتراپلىق توختالغان.

ساكۇراي يوشىكو ماقالىسىدە: «ئۇيغۇرلارنى تىلىدىن، دىنىدىن ئايرىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى پىلانىدىكى ئاچقۇچلۇق جاي دەپ قارالغان ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە يەرلىك ھۆكۈمەتكە بۇيرۇق بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكەن يىلى 30 – ئاپرېل كەچ سائەت يەتتىدە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. يەرلىك دائىرلەر شى جىنپىڭنى كېلىدۇ – دەپ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ئەتراپلىق كۈچەيتكەن بولسىمۇ ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا ۋەقە كۆرۈلدى. شى جىنپىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەنگە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش توغرىسىدا قايتا بۇيرۇق بەردى»، دەيدۇ.

ساكۇراي خانىمنىڭ «شۇكانشىنچاۋ» ژۇرنىلىدىكى ماقالىسى
ساكۇراي خانىمنىڭ «شۇكانشىنچاۋ» ژۇرنىلىدىكى ماقالىسى

ماقالىدە ئاپتور ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 37 قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك زور بولغان ۋەقە «يەكەن ۋەقەسى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئوخشاش ئەمەس. خىتاي ئۇيغۇرلارنى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. چەتئەلدىكى تېررورچى كۈچلەر بۇنىڭغا ماسلاشقان – دەيدۇ ۋە ۋەقەدە 96 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا يەكەنگە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشتىن توسىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىنى ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دەيدۇ.

ماقالىدە يەنە «بەزى بىر مەلۇماتلارغا قارىغاندا يەكەن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن، ئۈچ مىڭغا يېقىن بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھەتتا ئۆلگۈچىلەر ئىچىدە ئالتە ياشلىق ئۆسمۈر باللارنىڭمۇ بارلىقى دەلىللەنمەكتە. يەكەن ۋەقەسىدە راستىنىلا ئۈچ مىڭغا يېقىن كىشى ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بۇ شەك شۈبھىسىزكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا: «رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەندە ئۈچ نەپەر ياشنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى دېگەن باھانە بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋىرى مەتبۇئاتلاردا بېرىلدى. بۇنىڭدىن بىز خىتاي ‹ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى› نى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز»، دەيدۇ.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.