2015.02.17
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان سەككىز كۈنلۈك زىيارىتى ھەققىدە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا تا ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
ياپونىيە سىياسىي ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر داۋاسىغا ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگىنىگە ئون يىل بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 2015 – يىلىدىكى تۇنجى ياپونىيە سەپىرىنىڭ تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن ئىككى قېتىم ياپونىيە پارلامېنتىدا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نەقەدەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىز ياپونىيە سىياسىي ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ توكيو زىيارىتىگە بولغان قاراشلىرى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدە كيشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.