2015.02.13

رابىيە قادىر خانىم ياپونىيەدىكى ئاتاقلىق ژۇرنالىست يوشىكو ساكۇراي بىلەن كۆرۈشتى
8-فېۋرال، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ياپونىيەدىكى ئاتاقلىق ژۇرنالىست يوشىكو ساكۇراي خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان.
يوشىكو ساكۇراي ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە جەمئىيەتلىرىدىن-دۆلەتلىك نېگىزلىك مەسىلىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ، رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ توكيو سىرتىدىكى داچىسىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
سۆھبەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياپونىيەدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختالغان.
ئۇيغۇرنانلىرى قەيسەرىدە ئالقىشقا ئېرىشتى
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 100 ئائىلە قەيسەرى شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەردە ئىككىنچى ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلغان.
بۇ مەھەللىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلار ئائىلە تىجارىتى سۈپىتىدە نان، سامسا يېقىپ سېتىشقا باشلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر نانلىرىنى شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرگەندىن باشقا، يەرلىك تۈركلەرمۇ ئۆچىرەتتە تۇتۇپ ئالىدىغان مەنزىرە شەكىللەنگەن. ھەتتا تۈرك ناۋايلارمۇ كېلىپ ئۇيغۇر نېنى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل مۇھىت بېشىغا ھەرخىل ئېغىر قىسمەتلەر كەلگەن ئۇيغۇر كۆچمەنلەرگە ئۈمىد بېغىشلاشقا باشلىغان.
ئەرزدار زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
يوپۇرغا بايئاۋاتلىق ئەرزدار ئۆمەر روزى، ئۆزىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان دائىرىلەر تەرىپىدىن زوراۋانلىق يولىغا ۋاسىتىلىك ھالدا مەجبۇرلانغانلىقىنى، لېكىن ئۇ يولغا ماڭمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇ بېيجىڭدىكى مەزگىلىدە دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ كېسەلچان دادىسىغا تىل سالغان ۋە دادىسىنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.
ئۇ، دادىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە ساقچىلارنىڭ يولسىزلىقلىرىنى ئۆزىنى چوڭراق بىر ئىش چىقىرىشقا قۇترىتىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر روزى مەزكۇر يېزا سېلىپ بەرگەن ئاتالمىش «ئەمىن» ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئەرزىنى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
خىتاي ئاخبارات ئەڭ ئەركىن بولمىغان دۆلەت قاتارىغا تىزىلدى
خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 12-فېۋرال 180 دۆلەتنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر كۆرسەتكۈچتە خىتاي يەنە ئارقىدا قېلىپ، 176-ئورۇنغا تىزىلدى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك چېكىنىش بولغان.
كۆرسەتكۈچتىن قارىغاندا، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، گوللاندىيە ۋە شىۋېتسىيەلەر مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئەڭ ياخشى ئالدىنقى 5 دۆلەت قاتارىغا كىرگەن.
مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار 5 دۆلەت بولسا خىتاي، سۈرىيە، تۈركمەنىستان، شىمالىي كورېيە ۋە ئېرىترىيە قاتارلىقلاردۇر.
ئىستانبۇلدىكى نامايىشلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى ئەيىبلەندى
يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ئەخمەت جامىسى مەيدانى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي، دىنىي زۇلۇملىرى ئەيىبلەندى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.
نامايىشنىڭ بىرىنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن-«ئالپەرەن ئوجاقلىرى» ئىستانبۇل شۆبىسى يەنە بىرىنى «مىللىي تۈرك تالىبلىرى بىرلىكى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.
نامايىشچىلار تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى كۆتۈرگەن ھالدا، «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلايدۇ: خەۋىرىڭ بارمۇ؟ «قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت، شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرىيەت» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.
بۇ ئىككى نامايىشقا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقى مەلۇم.
قەشقەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىۋېلىنىدىكەن
قەشقەر ۋىلايىتى دائىرىلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى قىشلىق تەتىلگە چىققان بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىۋالىدىكەن ۋە سىياسىي تەربىيە بېرىدىكەن.
يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر ئوتتۇر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلاردىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ دىنىي تەلىم بەرگەن-بەرمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورايدىكەن.
كوناشەھەر ناھىيەسى يېڭى ئۆستەڭ يېزىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۆز يېزىسىدىكى بارلىق مەكتەپلەردىمۇ يۇقىرىقى سىياسەت داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى ئاتالمىش «نۇقتىلىق ئائىلىلەر» نى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالنى قەرەللىك ئىگىلەپ تۇرىدىكەن.