2015.02.09

duq-yaponiye-sakurai-sohbet-1.JPGد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست يوشىكو ساكۇرائى خانىمغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرمەكتە. 2015-يىلى فېۋرال، توكيو.

28-يانۋاردىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى زىيارىتى داۋامىدا ياپونىيە دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ياپونىيەدە تونۇلغان ئاتاقلىق ژۇرنالىست يوشىكو ساكۇرائى خانىمنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ توكيو سىرتىدىكى ئايرىم داچىسىدا ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۆز-ئارا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

سۆھبەت جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياپونىيەدىن كۈتىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختالغان.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست يوشىكو ساكۇراي خانىم ئۆتكەن يىلى يەكەندە يۈز بەرگەن 28-ئىيۇل ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان. سۆھبەتكە رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئەسقەرجان ۋە باياناتچى دىلشات رېشىتلەر قاتناشقان.

نۆۋەتتە، دىققىتىڭلار رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بولغاي.

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.