2015.02.06

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 4 – فېۋرال كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئىككىنچى قېتىم دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى مالايشىيادا، تايلاندتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىم 3 – فېۋرال ياپونىيە پارلامېنتىدا ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى دوكلات ئۇنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق دوكلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى دوكلات ياپونىيە «كەلگۈسى ئەۋلادلار پارتىيەسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دوكلاتقا مەزكۇر پارتىيەنىڭ پارلامېنتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەزالىرى ۋە مەسئۇللىرى قاتناشتى.
دوكلات بېرىش يىغىنىغا ياپونىيەدە تونۇلغان سىياسىي ئەرباب «كەلگۈسى ئەۋلادلار پارتىيەسى»نىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ھىرانۇما، ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچى بولغان سابىق دىپلومات، پارلامېنت ئەزاسى ناكاياما خانىم، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى مەسلىھەتچىسى، پارلامېنت ئەزاسى ھامادا، ياپونىيە مۇھىت ئاسىراش ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى، پارلامېنت ئەزاسى ۋادا ۋە شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى ئېگۇچى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
ياپونىيە پارلامېنتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىدا، رابىيە قادىر خانىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، باياناتچى دىلشات رېشىتلار ھەمراھ بولدى.
يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن تۆت يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.