2015.02.06

5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 17 يىللىقى خاتىرىلەندى
بۇ يىل 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 18 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەزكۇر ۋەقەنى ئەسلەش ۋە شۇ كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتلەر خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش، يىغىلىش قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش ۋە سۆھبەت يىغىنلىرى شەكىللىرىدە داۋام قىلدى.
بۇ كۈنى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلدى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ 5-فېۋرال ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.
بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر يەنە بارلىق ياۋروپا ئەللىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلدى.
جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالغا سەپەر قىلىشى زور دەرىجىدە تەسلەشتۈرۈلگەن
يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنى بىر نەچچە ھەپتە زىيارەت قىلىپ، قايتقان بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالغا سەپەر قىلىشى زور دەرىجىدە تەسلەشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قەشقەر تەرەپلەرنى ئايلىنىپ تۇرپانغا ئۈزۈم ئېلىش ئۈچۈن كىرمەكچى بولغىنىدا كىرگۈزۈلمىگەن.
بىر ئاپتوبۇستا كەلگەن خىتايلارنىڭ ھەممىسى ھېچقانداق سوئال-سوراقسىز تۇرپان شەھىرىگە كىرىپ كەتكەن. ساقچىلار جەنۇبتىن كېلىپ تۇرپانغا ماڭغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى توسۇپ قالغان ۋە ئۇلاردىن كاپالەت خېتى تەلەپ قىلغان.
ئاخىرىدا تۇرپانلىق كىشى كېلىپ ساقچىلارغا كاپالەت خېتى يېزىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ سودىگەرنىڭ تۇرپانغا كىرىشىگە يول قويۇلغان. باشقا سودىگەرلەر يەنىلا كىرگۈزۈلمىگەن.
رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى
3-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىمنى ئالدى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى سېئىئىچى ئېتو ئەپەندى كۈتۈۋالدى.
ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىغا «ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلار قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
دوكلاتتىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەندە، سۈپەتسىز ئىچىملىك سۇ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولۇپ قالدى
خوتەننىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكى مەلۇم.
بۇ مەسىلە يېقىندا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇم يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى بىر قىسىم يەرلىك پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ كۆل سۈيى ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاشكارىلىنىشىچە، تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلگەن ئائىلىلەرگىمۇ ئىچىملىك سۇ كۆلدە تىندۇرۇلغان سۇ دىن يەتكۈزۈلىدىكەن. خوتەن ناھىيىسى ۋە قاراقاش ناھىيەلىرىنىڭ سۇ ئىشلار ئىشخانىسى خادىملىرىمۇ يۇقىرىقى نۇقتىنى دەلىللىدى.
28-يانۋار چىرا ۋەقەسىدىكى بىر ھۇجۇمچى تۇتۇلۇپ قالغان
28-يانۋار خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدە ئىككى ياردەمچى ساقچى ۋە بىر ئامانلىق مۇدىرىنى ئۆلتۈرگەن ئۈچ نەپەر ھۇجۇمچىنىڭ بىرى مەتسېلىم مەتكېرىم. ئۇ ۋەقەدىن كېيىن، لايقا يېزىسىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىككى تۇغقان بىر قېرىندىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قېرىندىشى ۋەزىيەتتىن قورقۇپ، ياردەم قىلالمىغان.
نەتىجىدە ئۇ، ئۆزى تونۇمايدىغان بىر دېھقاننىڭ قازناق ئۆيىگە يوشۇرۇنچە كىرىپ بىر كېچە مۆكۈنگەن. ئۆي ئىگىسى ئەتىسى ئۇنى بايقاپ قېلىپ ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، نەتىجىدە مەتسېلىم مەتكېرىم تىرىك قولغا چۈشكەن.
28-يانۋار كۈنى خوتەننىڭ چىرا ناھىيە بوستان يېزا تاغ كەنتىدە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ياش خىتاينىڭ 3 ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەن، كېيىن بۇلارنىڭ 2 نەپىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان ئىدى.
گوللاندىيەدە «5-فېۋرال ۋەقەسى» ئەسلەندى
2015-يىلى 1-فېۋرال كۈنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولغان ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى ئەسلەش قاتارلىق بىر قاتار مول-مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتلەر جەريانىدا يەنە، مەزكۇر تەشكىلات ھەر ئايدا بىر قېتىم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا لوڭقا تەقدىم قىلىندى.
شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 5 گە قەدەر داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەتنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇردى.
جامائەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىمنىڭ تەقدىم قىلىشىدا،« 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ روھىدىن ئىلھاملاندى.