2015.02.05

duq-xitay-elchixanisi-namayish-yaponiye.jpgخىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-فېۋرالنى خاتىرىلەش نامايىشىدا، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2015-يىلى 3-فېۋرال، توكيو.

3-فېۋرال كۈنى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 5-فېۋرالنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئەسقەرجان، باياناتچى دىلشات رېشىت قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. نامايىشقا يەنە بەزى ياپونلار، تىبەتلەرمۇ قاتناشتى

نامايىشتا رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا 5-فېۋرالنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ۋە شۇنداقلا يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

نامايىش شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 دە باشلىنىپ چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ئاخىرلاشتى.

بىز نامايىش جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئەسقەرجان ۋە باياناتچى دىلشات رېشىتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.