توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

شەرقىي تۈركىستاننىڭ  1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم پاكىت بولسىمۇ، بۇ جاينىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم بازا بولۇپ كەلگەنلىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نامەلۇم ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3-ئىيۇل كۈنى تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سوزۇلغان ئۈچ مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆت غول توك لىنىيەسى ئارقىلىق توشۇلغان توك مىقدارى 300 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاساسلىق توك ئېنېرگىيە تومۇرى»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ زور مىقداردا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»، «تېخنىكىلىق سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان توك يەتكۈزۈش سىستېمىسى» دېگەندەك تەقدىرلەشلىرىگە ئېرىشكەن. بۇ لىنىيەلەر ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان توك مىقدارى خىتاي مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى (GDP)گە ھەر يىلى 13 مىليارد سوم (تەخمىنەن ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) قىممەت قوشىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ تۆت غول توك لىنىيەسى ئارقىلىق خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە توك يەتكۈزۈش داۋام قىلماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى بۇ توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى بۇندىن كېيىن داۋاملىق كېڭەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇنى «شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازا قۇرۇلۇشىدىكى زور تەرەققىيات» دەپ تەرىپلىگەن.

ھالبۇكى شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا-قىشلاقلاردا ھازىرغىچە توك لىنىيىسى يېتىپ بارمىغان سانسىزلىغان ئورۇنلار بولۇپ، توك مەسىلىسى مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مۈشكۈلاتلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بايلىق قېزىشى تەرەققىيات ئەمەس. چۈنكى ئۇ يەرلىك خەلققە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس. ئۇلار ھەرقاچان مۇستەملىكە رايونىدىكى بايلىقنى قېزىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ، بۇ جايدىكى يەرلىك خەلق ياكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نەزىرىدە مەۋجۇت بولمايدۇ» دېگەن.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى