2015.02.04

3-فېۋرال ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن ئون يېرىمغا قەدەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە پارلامېنتىدا، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەردى.
رابىيە قادىر خانىمنى ئالدى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى سېئىئىچى ئېتو ئەپەندى كۈتۈۋالدى.
ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىغا ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم سىياسىيونلار قاتناشتى.
رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە تۈرمىلەردە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى ۋە شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىغا ياپونىيە باش ۋەزىرى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى سەئىئىچى ئېتو ئەپەندى، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى كېئىجى فۇرۇيا ئەپەندىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىققىتىڭلار، رابىيە قادىر خانىم بىلەن مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي. (ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز)