2015.02.03

duq-yaponiye-yighin-2015.jpgد ئۇ ق ھەيئەت ئەزالىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى بىلەن بىللە يىغىندا

1 – فېۋرال توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت يىغىنى ئېچىلدى. توكيودا ئېچىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى دائىمىي ھەيئەت يىغىنىغا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، ياپونلاردىن تەركىپ تاپقان دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى ئالدى بىلەن، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ پىلان ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئۆز – ئارا پىكىرلەشتى.

دائىمىي ھەيئەت يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن تۆتكە قەدەر داۋاملاشتى.

بىز يىغىن ئاخىرىلاشقاندا، مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.