2015.02.02

rabiye-tokyo-turkiye-islam-merkizi.jpgرابىيە قادىرى خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى توكيودىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى. 2015-يىلى 30-يانۋار، توكيو.

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىرى خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى 30-يانۋار كۈنى توكيودىكى تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى.

زىيارەتتە ۋەكىللەر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا يۇنۇس ئەمىر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ باردى.

رابىيە قادىر خانىم، ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىغا بۇ يەردە تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئۆزلىرىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، بۇ زىيارەت ھەققىدە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.