2015.01.30

seyit-tumturk-yaponiye-2015.jpgد ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۈمتۈرك 30 – يانىۋار توكيودا

28 – ، 29 – يانۋار كۈنلىرى، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 2011 – يىلى 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقلەردىن ھال سوراش ئۈچۈن فۇكۇشىما ۋىلايىتىگە بېرىپ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ھال سوراپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۈمتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فۇكۇشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىش سۆھبەت يىغىنىدا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ھەققىدە دوكلات بېرىلگەن.

بۈگۈن رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۈمتۈرك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ فۇكۇشىما زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.